Home
Categories
EXPLORE
True Crime
Comedy
Business
Society & Culture
History
Sports
Health & Fitness
About Us
Contact Us
Copyright
© 2024 PodJoint
00:00 / 00:00
Sign in

or

Don't have an account?
Sign up
Forgot password
https://is1-ssl.mzstatic.com/image/thumb/Podcasts221/v4/fc/57/2e/fc572e7a-57f5-ee63-52e9-9f2ac156d394/mza_12764843876853106564.jpeg/600x600bb.jpg
تارىخ-بۈگۈن
RFA
39 episodes
4 months ago
Show more...
History
RSS
All content for تارىخ-بۈگۈن is the property of RFA and is served directly from their servers with no modification, redirects, or rehosting. The podcast is not affiliated with or endorsed by Podjoint in any way.
Show more...
History
Episodes (20/39)
تارىخ-بۈگۈن
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققىچە: ئىنقىلاب ۋە شەخسلەر(2)

ئازتېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە باھالىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرىنى مىللىتى ئۆزبېك بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا، خەلققە سادىق، دىنى ئىمانى كۈچلۈك ۋە بىلىمى زور ھەم پىداكار، ئەخلاقلىق كىشى ئىدى، ئۇنىڭ تارىخ بىلىمىمۇ يۇقىرى بولۇپ، خەلقنى قوزغاش چاقىرىقى كۈچلۈك بولغان. ئۇ سوۋېتلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ خەلقنى ئاكتىپ قوزغىغان، لېكىن كېيىن سوۋېتلار ۋەدىسىدىن يېنىپ ئۇنى تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىپ ئورۇنلاشتۇرغان دەپ قارىغان. ھەتتا 1975-يىلى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئەلىخان تۆرە بىلەن تاشكەنتتە كۆرۈشكەندە، ئەلىخان تۆرە يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلاب بولسا ئۆزىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن.



Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
7 months ago
10 minutes 22 seconds

تارىخ-بۈگۈن
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققا(1)
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى. ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەزكۇر ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى قاتارىدىكى بىر شەخس ئىدى. لېكىن، 1949-يىلى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ مىڭلىغان سەپداشلىرىنى مۇشەققەتلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات يوللىرىدا مېڭىشقا ئېلىپ كەلدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 1963-يىلىدىن كېيىنكى 42 يىللىق ھاياتى ئالمۇتا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى ئالمۇتادىكى 78 ياشلىق ئوغلى، جامائەت ئەربابى ئازتېكىن ئىبراھىمى بايان قىلدى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
8 months ago
9 minutes 3 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | تاغ-كان ئىنژېنېرىنىڭ تۆھپىسى_ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت قامۇسى


ئۆزى تاغ-كان ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور بولسىمۇ، لېكىن ھاياتىنىڭ يەنە بىر زور قىسمىنى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇماتلارنى توپلاش، رەتلەشكە ئاتىغان ۋە بۇلارنى رۇس تىلىدا نەشر قىلىپ، باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئابدۇللاجان سامساقوف ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ئىجاد قىلماقتا. رۇس تىلىدا تارقىتىلغان 620 بەتلىك «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتلار» ئۇنىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.



Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
9 months ago
13 minutes 36 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» دىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئالىملىرى
يېقىندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە قازاقىستاندىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشر قىلىندى. رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئارىلاش شەكىلدە تەييارلانغان مەزكۇر قامۇس مەخسۇس ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئىلمىي ئىجادىي ھاياتىغا بېغىشلانغان.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
9 months ago
12 minutes 24 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى_شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت نامىنى قانداق بېكىتىش تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر بولغان، بولۇپمۇ غۇلجىدىكى ئاشۇ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان يادرولۇق تەشكىلات «ئازادلىق تەشكىلاتى» 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. 

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
11 months ago
12 minutes 40 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | 1934-يىلى ئەيسا ئەپەندى ھەققىدە كرېملغا يوللانغان مەخپىي مەلۇمات
سوۋېتلارنىڭ ئەيسا ئەپەندىنى خىتايدىكى سوۋېتلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ ستالىنغا مەخسۇس دوكلات شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى مەسئۇد سەبىرى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قارىغاندا بالدۇر باشلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەيسابەك ياكى ئەيسا يۈسۈپ دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەربابنىڭ 1932-يىلى نەنجىڭگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدىكى مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن موسكۋاغا مەخپىي دوكلات قىلىنغان. ئەنە شۇنداق مەخپىي دوكلاتنىڭ بىرى 1934-يىلى 19-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، يەنى ستالىننىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە دىپلوماتىيە ۋەكىلى, سوۋېت رازۋېدكا ئورگىنىغا تەۋە ئىۋان ئىۋانوۋىچ سپىلۋانېكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ب. س. ستوميانكوفقا يوللىغان خىتايدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتىدۇر.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
12 minutes 1 second

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | نارىمان قۇربانوفتىن مەخمۇت ئۆمەروفقىچە: دۇنيا ئولىمپىك تارىخىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون
نارىمان قۇربانوف بىلەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىغا ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون ئۆز ئىسىملىرىنى يازدى، نارىمان قۇربانوف 1956-يىلىدىن ئېتىبارەن ئولىمپىكتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن 3-ئۇيغۇر. رۇس تىلىدىكى «20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئالمۇتادا ياشايدىغان پىروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك تارىخىدا بىرىنچى قېتىم چېمپىيونلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مەخمۇت ئۆمەروفتۇر.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
10 minutes 24 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | پەرغانە ۋادىسىغا سىڭىپ كەتكەن 300 مىڭ قەشقەرلىق-ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى تەتقىقاتى
«مېنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي پائالىيەتلىرىمنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلىشىمغا سەۋەب بولغان دەسلەپكى ئىلھام بۇلىقى مېنىڭ ئەسلى 150 يىللار ئىلگىرىكى قەشقەرلىقلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشۇمدۇر» دەيدۇ ئۆزبېكىستان ۋە خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تارىخشۇناس بەھرامجان قەينەزەروف ئەپەندى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
15 minutes 3 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟
ئۇيغۇرلار 1949-يىلىغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ %80 كە يېقىن قىسمىنى، خىتايلار ئاران %5 نى تەشكىل قىلغان، ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە بولسا 90 نەچچە پىرسەنت، خىتايلار بولسا ئىنتايىن ئاز ساندا ئىدى. مانا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەش دەرىجىسىگىچە يەتكەندىن باشقا «شىنجاڭدا 56 مىللەت بار، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى» ھەمدە «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن تەرغىباتنى كۈچەيتىپ سىڭدۈرمەكتە.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
13 minutes 4 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەتنىڭ قىسمىتى (2)
1955-يىلى 10-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ياش زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېلىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ۋەتىنىگە قايتىپ ھەر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىدا بولدى. بۇ ۋاقىتتا ھەم سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشوف زور ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنى، ئالىملارنى خىتايغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىشنى باشلىغانىدى. ئەنە شۇ قاتاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ ياشلارنىڭمۇ ۋەتىنىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشىنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ 30 غا يېقىن زىيالىينىڭ مۇتلەق كۆپى ۋەتىنىگە ئاتلاندى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
11 minutes 45 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەت (1)
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بەتلىرىنىڭ بىرى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بۇ زىيالىيلارنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلاردۇر.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
10 minutes 13 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئۆلمەس ئۇيغۇر رەھبىرى-ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىغا 110 يىل
2024-يىلى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مىللىي داھىيسى، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىدۇر.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
12 minutes 12 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي روھىيىتى ۋەكىللىرىدىن بىرى
بۇ يىل ئۆزىنىڭ 88 ياشلىقىنى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالغان تالانتلىق ئەدىب، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مىللەتپەرۋەرلىك شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، سۇنماس مىللەتپەرۋەر، 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ شاھىتى دەپ ھېسابلانغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ھاياتىغا يەنە بىر زور مۇۋەپپەقىيەت قوشۇلدى. بۇ بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ 4 توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىدۇر.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
12 minutes 48 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | 100 يىلغا تەڭ 70 يىللىق ئىجادىيەت: ئەخمەت ئىگەمبەردى تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باش بولۇپ رەتلەپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 88 ياشلىق پېشقەدەم ئەدىب، شائىر، 1940-يىللاردىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىي جەريانلىرىنىڭ شاھىتى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ 70 يىللىق ئىجادىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان تۆت توملۇق تاللانما ئەسەرلىرى رەسمىي نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ھاياتىدىكى بۇ يېڭىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
15 minutes 51 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | پروفېسسور ئابلەت خوجايېف: خەن سۇلالىسىنىڭ «دۇخۇفۇ» سى ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئىگىلەش ۋە جاسۇسلۇق ئورنىدۇر
ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت خوجايېف خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تارىخچىلىرى دەۋاتقان «دۇخۇ مەھكىمىسى» ئارقىلىق «شىنجاڭنى ئىدارە قىلغانلىقى» نىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايچە سۆز «دۇخۇ» ۋە دۇخۇفۇ» دېگەنلەرنى تەھلىل قىلغاندا بۇ مەمۇرىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئۇقۇمى بەرمەيدۇ. تەسىس قىلىنغان «دۇخۇ» لار ئەمەلىيەتتە «غەربىي يۇرت» نىڭ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋىتى، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇچۇر توپلايدىغان، يەنى جاسۇسلۇق قىلىدىغان ھەم ھازىرقى تىل بويىچە ئالغاندا بەلكى كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇرىدىغان كىشىلەردۇر.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
11 minutes 37 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئوق-يىلتىزى، يەنى تۈپ ئېتنىك مەنبەسى يۈئېجى-ئوغۇزلاردۇر
ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلار ئېتنىك جەھەتتىن پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان ئاساسلىق جايدۇر. ئۇ، قەدىمكى خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان نەچچە ئونلىغان قەبىلىلەر ئىچىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە تۇتاشقان يۈئېجى ياكى كېيىنكىلەر ياۋچى دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ «ئوغۇز»، «ئوغۇزىيە» سۆزىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
16 minutes 31 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان
ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى كۈندە رادىئو دولقۇنلىرى ۋە تور بەت ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
9 minutes 32 seconds

تارىخ-بۈگۈن
تارىخ-بۈگۈن | پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف: «مەقسىتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېڭىيىش تارىخىدىن ساۋاق ئالدۇرۇش»
مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى ئەسىرلەر تارىخىنى خىتاي مەنبەلىرى بويىچە تەتقىق قىلىشتا زور نوپۇزغا ئىگە بولغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىملىرىدىن بىرى ئابلەت خوجايېفنىڭ «خىتاينىڭ غەربىي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» ماۋزۇلۇق رۇس تىلىدا يېزىلغانن تەتقىقات كىتابى يېقىندا تاشكەنت شەھىرىدەيورۇق كۆردى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزەرلىرى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە مۇخالىپ قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
1 year ago
16 minutes 17 seconds

تارىخ-بۈگۈن
ئابدۇلھەي روزى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇنتۇلماس ۋەكىلى (1)
ئابدۇلھەي روزى 1923-يىلى 10-نويابىردا يەتتەسۇدىكى كەتمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى كەتمەندە ئوقۇغان، غۇلجاغا بارغاندىن كېيىن رۇس گىمنازىيەسىدە ئوقۇغان. ئابدۇلھەي روزى خۇددى 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زىيا سەمەدى، زۇنۇن قادىرى ۋە باشقىلارغا ئوخشاشلا قازاقىستاننىڭ يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ، 1931-1932-يىلى ئارىسىدا سوۋېت قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي تەقىبلەشلەردىن قاچقان مىڭلىغان قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىلىغا قېچىپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
2 years ago
11 minutes 25 seconds

تارىخ-بۈگۈن
مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى: خاتا ئارمىيەنى قارشى ئېلىش (20)
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلىتى-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى شۇنىڭدەك 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەربىي يۈرۈشنى باشلىغان كۈنى. دېمەك، ئەنە شۇ 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تاكى 1950-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە 190 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئىگىلىدى. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 87 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئىشغالىيەتكە شاھىت بولغان كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Show more...
2 years ago
12 minutes 57 seconds

تارىخ-بۈگۈن